3G ئېنىقلىمىسى
3G نىڭ ئەسلى تولۇق ئاتىلىشى 3rd Generation بولۇپ، 3-ئەۋلاد رەقەملىك ئالاقىلىشىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ.1995- يىلى دۇنياغا كەلگەن بىرىنچى ئەۋلاد تەقلىدىي ئۆلچەمدىكى يانفون(3G) دا پەقەت ئاۋاز ئارقىلىق پاراڭلىشىشلا ئېلىپ بارغىلى بولاتتى؛ 1996- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بارلىققا كەلگەن ئىككىنچى ئەۋلاد GSM،TDMA قاتارلىق رەقەملىك ئۆلچەمدىكى يانفون (3G) لاردا سانلىق مەلۇمات يوللاش-قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلدى،(ئېلخەت يوللاش-قوبۇل قىلىش دېگەندەك)؛3-ئەۋلاد بىلەن ئالدىنقى ئىككى ئەۋلادنىڭ ئاساسلىق پەرقى ئاۋاز ۋە سانلىق مەلۇمات يوللاش سۈرئىتىدىكى ئېشىشتا ھېسابلىنىدۇ، ئۇ يەنە پۈتۈن دۇنيا دائىرىسىدە چەكسىز كېزىپ يۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، شۇنداقلا سۈرەت، مۇزىكا، سىن قاتارلىق كۆپ ۋاستىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ، تورغا چىقىش، تېلېفوندا يىغىن ئېچىش، ئېلېكترونلۇق سودا قىلىش قاتارلىق ھەرخىل ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ.بۇ خىل مۇلازىمەتنى تەمىنلەش ئۈچۈن، سىسمىز تور چوقۇم ئوخشاش بولمىغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۈرئىتىنىمۇ چوقۇم قوللىيالىشى كېرەك، يەنى ئۆي(ئىشخانا)، سىرت ۋە ماشىنا قاتارلىقلارنىڭ مۇھىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2Mbps,384Kbps ۋە 144Kbps لىق يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى قوللىشى كېرەك.(مەزكۇر سانلىق مەلۇمات تور مۇھىتىغا ئاساسەن ئۆزگىرىدۇ)
تەپسىلاتىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ.........
سۇلماس ئېلىكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى توربىتى يڭىلاندى . دوستلارنىڭ بېكەتنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن پىكىر تەلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . مۇلازىمەت تېلېفون نومۇرى : 0991-8474748 .
شىركىتىمىز ئىشلىگن تۇنجى ئۇيغۇرچە يىزىقتىكى يانفۇن ئۇيغۇرفون سىزنىڭ ئىشلىتىىشڭىزنى كۈتمەكتە .
ئۇيغۇرفون يانفۇنلىرىغا نىسبەتەن قانداق پىكىر تەلپىڭىز بولسا بىزگە يوللىغايسىز بىز ئەڭ تېز سۈرەتتە سىز قانائەتلەنگىدەك جاۋاپ قايتۇرمىز .